شەرقىي تۈركىستاندىكى چەتئەل شىركەتلىرى ئېغىر تاللاشقا دۇچ كەلدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى چەتئەل شىركەتلىرى ئېغىر تاللاشقا دۇچ كەلدى

خىتاينىڭ جازا لاگېرىغا ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندا سودا قىلىۋاتقان چەتئەل شىركەتلىرى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.
جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ۋولكىس ۋاگېن شىركىتىنى ۋە خىمىيىۋى سانائەت شىركىتى باسف (BASF)نى تىلغا ئالغان بولۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدىن خەۋەرسىز قېلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
ۋول كوچىسى گېزىتىمۇ ئىنتىل قاتارلىق ئامېرىكا تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان.
گېرمانىيە ئەقىل ئامبىرى خىتاي تەتقىقاتى مەركىزىدىكى ئىقتىسادشۇناس مەكس زەڭلىن (Max Zenglein) بۇ ھەقتە توختىلىپ، بۇرۇن غەرب دۆلەتلىرى شىركەتلىرىنىڭ پۇل تېپىش ئۈچۈن ياكى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا مەبلەغ سالغانلىقىنى، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ناچارلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىككى ئارىدا قالغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى سودا پائالىيىتىنى توختاتسا، خىتاينىڭ ئاۋارە قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى، ئەمما داۋاملاشتۇرۇشنىمۇ ئەخلاق نۇقتىسىدىن قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋولكىس ۋاگېن شىركىتى 2013-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا ئىشلەپچىرىش لىنىيەسى قۇرغانلىقىنى «پەقەت سودا مەنپەئەتى ئۈچۈن» دەپ ئاقلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئانالىزچىلار بۇنىڭ خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ خەۋەر 909 قېتىم كۆرۈلدى
30/11/2019 15:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق