چاقماق خەۋەر

شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلار ھەممىنى ئىنكار قىلدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلار تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىنى ئىنكار قىلدى

3‏-يانۋار خىتاينىڭ شەرقىى تۈركىستاندىكى قورچاق ئەمەلدارلىرى ئۈرۈمچىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋەتكەنلىكى ۋە تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.
يىغىندا سۆز قىلغان قورچاق ئەمەلدارلاردىن قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى پەرھات روزى بىلەن ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت‏-ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۈلى ئابلىم نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا-ئانا ۋە ئائىلىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىپ، ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئېلان قىلغان ھەقىقەتنى ئىنكار قىلدى. مەزكۇر قورچاق ئەمەلدارلار ھەقىقەتنى بۇرمىغان ھالدا بىلجىرلاپ: «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ئېلان قىلغان خەۋەرنىڭ ئاساسى يوق، پۈتۈنلەي توقۇلما» دېدى.
ئۇ ئىككىسى يەنە دۇنيا خەلقىگە ئېنىق ئايان بولغان ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىپ، مۇنۇلارنى بىلجىرلىدى: «كىشىلەرنىڭ يوقاپ كېتىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس. خىتاي خىزمەتچىلىرى "قوشماق تۇغقان" نامىدا ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغىنى يوق. مەسچىتلەرنى چاقمىدۇق، تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس».
نيويورك ۋاقىت گېزىتى بۇندىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان پەرزەنتلەرنى ياتاقلىق مەكتەپلەرگە يىغىپ خىتايلاشتۇرۇشقا باشلىغانلىقى، بىر يىل ئىچىدە ئاتا-ئانىسى ۋە ئائىلىسىدىن ئايرىلغان بالىلارنىڭ بەش يۈز مىڭغا يېقىنلاشقانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلغان ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەر خەلقئارا جەمئىيەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىپ يېتىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» دەپ سۈپەتلەشكە باشلىغان بىر پەيتتە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن يالغان تەشۋىقاتلارنى قاتتىق كۈچەيتكەنلىكىنى، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشى ھەمدە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشىنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 682 قېتىم كۆرۈلدى
04/01/2020 15:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق