چاقماق خەۋەر

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 6-قېتىملىق شۇرا يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 6-قېتىملىق شۇرا يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

9-يانۋار شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 6-قېتىملىق شۇرا يىغىنى 6-يانۋار تۈركىيەنىڭ ئالانيە شەھىرىدە باشلىنىپ، 9-يانۋار مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
يىغىنغا تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 70تىن ئارتۇق ئەزاسى ئىشتىراك قىلدى.
يىغىننىڭ ئالدىنقى باسقۇچىدا بىرلىك ئىچىدىكى ھەرقايسى گۇرۇپپا مەسئۇللىرى ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە قىلغان خىزمەتلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۈگۈنكى دىنىي ۋە سىياسىي ۋەزىيىتى، خەلقنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، تەشكىلاتچىلىق قاتارلىق تېمىلار تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلىندى.
كېيىنكى باسقۇچتا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى خەلقئارادا تېخىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى قانداق ھەسسە قوشالايدۇ؟ نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟»، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئىسلام ۋە ئەرەب دۇنياسىدا قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ئاكتىپ ھالغا ئەكەلگىلى بولىدۇ؟»، «ئىزباسار ئۆلىمالارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك؟» دېگەن تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى.
شۇرا يىغىنىدا يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقانلىقى، مۇشۇنداق ئالاھىدە تارىخىي شارائىتتا ئۆلىمالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ھازىرقى شارائىت تەقەززا قىلغان ۋەزىپىلەرنى تەخىرسىز ئىجرا قىلىشى لازىملىقى تەكىتلەندى.
ئاخىردا يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئايرىم-ئايرىم گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ كېيىنكى بىر يىللىق خىزمەت نىشانىغا ئالاقىدار تۈرلۈك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ تەكلىپلەرنىڭ بىر قىسمى رەھبەرلىك تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى.

يىغىننىڭ 3-كۈنى شۇرا يىغىنى خۇلاسە قىلىنىپ، خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىندى.

بۇ خەۋەر 294 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق