چاقماق خەۋەر

شانلىئۇرفادا شەرقىي تۈركىستان تونۇشتۇرۇلدى

13-يانۋار تۈركىيەنىڭ شانلىئۇرفا كۈلتۈر مەدەنىيەت مەركىزىدە «ئۈممەتنىڭ يېتىمى شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەت شانلىئۇرفا خەلق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
پائالىيەتكە كۆپلىگەن خەلق تەشكىلات رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلدى.
پائالىيەتتە ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان ئالدى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى 1949-يىلى ئىشغال قىلغىنىدىن باشلاپ، ھازىرغىچە بولغان تارىخىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى. ئارقىدىن خىتاينىڭ يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دىنسزلاشتۇرۇش ۋە خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق باستۇرۇپ كەلگەنلىكى، جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەردە ئىسلامىي كىملىكى ۋە مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلغانلىقى، ھەتتا قىرغىن قىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.
پائالىيەتتە باش كاتىپ ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان شانلىئۇرفا پارلامېنت ئەزاسى ئەھمەد ئەشرەپ فاكىبابا ئەپەندىكى بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

بۇ خەۋەر 260 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق