چاقماق خەۋەر

ش ت ت ب ھەيئىتى ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولدى

ش ت ت ب ھەيئىتى ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولدى

27-نويابىر شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت ئەنقەرە زىيارەتتە بولدى.
ھەيئەت 28-نويابىر تۈركىيەنىڭ «ياشلىق ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىكى»نى زىيارەت قىلدى. ھەيئەتنى ياشلىق ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ياشلار خىزمىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى سەردال ئەرئاۋجى (Serdal ERAVCI) ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى.
ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان سەردال ئەرئاۋجى بىلەن بولغان سۆھبەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈركىيەدىن كۈتۈۋاتقان ئۈمىدلىرىنى، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بەزى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنىمۇ ئېيتىپ ئۆتتى. سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزئارا خاتىرە بۇيۇم تەقدىم قىلىشتى.
مەزكۇر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان، شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى رەئىسى تاھىر كۆك بايراق... قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان.

بۇ خەۋەر 221 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق