چاقماق خەەر

سۇلايمان سويلۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇش مەسىلىسىگە ئىپادە بىلدۈردى

سۇلايمان سويلۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇش مەسىلىسىگە ئىپادە بىلدۈردى

تۈركىيەنىڭ پىشقەدەم سىياسەتچىسى شۇنداقلا سابىق باش مىنىستىر ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ يېڭى قۇرۇلغان كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ ئارداخاندا ئېچىلغان يېغىنىدا مەيلى خەلقئارا ئاخباراتلاردا بولسۇن، مەيلى يەرلىك ئاخباراتلاردا يەر ئالغان بەزى خەۋەرلەرگە كۆرە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 50 مىڭ ئۇيغۇرنى تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا يولغا سېلىش خىزمەتلىرىنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە  مەلۇمات كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ تارىخقا خىيانەتتۇر، قېرىنداشلىققا خىيانەتتۇر. ئەگەر بۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدە تېرورلۇققا چېتىلىپ قالغانلار بولسا، تۈركىيە كۈچلۈك دۆلەتتۇر ئۇلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ جازالىسا بولىدۇ، ئەگەر ئۇلار بۇ تۇپراقلارغا خىتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ كەلگەن بولسا، ئۇلارنى تەكرار خىتايغا قايتۇرۇش سىتالىنغا قايتۇرۇلغان ئەزەربەيجانلىقلارغا ئوخشاش بولىدۇ ۋە بۇ بىزنىڭ يۈرىكىمىزنى ئېچىشتۇرىدۇ ۋە بۇ تۇپراقلارنى ئىزتىراپ ئىچىدە قويىدۇ دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە يەرلىكلەر ئىچىدە غۇلغۇلا قوزغىدى.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە خەلقئارا شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى دەرھال ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇغا تېلېفۇن قىلىپ، بۇ مەسىلىنىڭ ھەقىقىتىنى سورىغان بولۇپ، مىنىستىر سۇلايمان سويلۇ كەسكىن ھالدا بۇ سۆزلەرنىڭ ئويدۇرما ۋە ئىغۋا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ جاۋابتىن كېيىن تىۋىتتردىكى رەسمىي ھېسابىدا ئۇچۇر يوللاپ: "بىر پارتىيەنىڭ رەئىسى ۋە سابىق باش مىنىستىرنىڭ بۇ شەكىلدە يېنىكلىك بىلەن مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقىنى ئۇنىڭغا مۇناسىپ كۆرەلمىدىم. كۆڭلى مەھزۇن بىر خەلقنىڭ ئەسلى بولمىغان بىر دەۋا بىلەن پەرىشان بولۇشىغا سەۋەب بولدى" دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

يېقىندىن بۇيان بولۇپمۇ ئاياسوفيانىڭ 86 يىلدىن كېيىن ئىبادەتكە ئېچىلىشىدىن كېيىن بىر قىسىم غەرب ۋە ھىندىستان ئاخباراتلىرى ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئەيىبلىمەكتە ۋە ئەردوغاننىڭ ئىسلام دۇنياسىدا لىدەر سۈپىتىدە كۆرۈنۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ئاخىرىدا ئاياسوفيانى ئىبادەتكە ئېچىش بىلەن دۇنياغا كۈچلۈك سىگنال بېرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە كۈچلۈك پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەنلىكى، باشقا ئىسلام دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا خىتاينىڭ پۇلىنى ئارتۇق كۆرگەندەك، تۈركىيەنىڭمۇ ئىقتىسادى مەنپەئەت سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1214 قېتىم كۆرۈلدى
28/07/2020 18:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق