چاقماق خەۋەر

سۆزلەرنىڭ ئۇقۇم مەنىسىنى توغرا ئىگىلىشىمىز زۆرۈر

سۆزلەرنىڭ ئۇقۇم مەنىسىنى توغرا ئىگىلىشىمىز زۆرۈر

ئالماس ھاجى

تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ ئۇقۇم مەنىسىنى توغرا ئىگىللەش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇۋاتىدۇ. چەتتىن كىرگەن ئايرىم سۆزلەرنى ياكى تىلىمىزدىكى قەدىمكى سۆزلەرنى ئىشلەتكەندە بىز قوبۇل قىلغان ۋە ئەسلىدىن ئىپادىلەپ كەلگەن ئۇقۇم مەنىلىرىگە يەنە قوشۇمچە مەنىلەرنى قوشۇپ، ئۇ سۆزنى جۈملە ئىچىدە يېڭى قوشۇلغان مەنە بويىچە ئىشلەتكەندە، كۆپ ساندىكىلەرگە تونۇشلۇق بولغان مەنىدىن چەتنەشتەك مۈجمەللىكلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. مەسىلەن: «مەپكۇرە» دېگەن سۆز تىلىمىزدا «ئىدىيە» دېگەن سۆز بىلەن ئوخشاش مەنىدە ئىشلىتىلىپ كەلگەن. مەپكۇرىنى ئىدىيەلەر سىستېمىسىنى ۋە ئۇنىڭ ھەرخىل شەكىللىرىنى ئىپادىلەيدىغان «ئىدېئولوگىيە» ۋە ياكى كەلگۈسى شەيئىلەر ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر ياكى ئارزۇ-ئۈمىدنى ئىپادىلەيدىغان «غايە» مەنىسىدە ئىزاھلىساق، ئۇ ھالدا مۈجمەللىك كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا چوڭ خاتالىق بولمىسا، يەنىلا ئەسلىدە قوبۇل قىلىنغان ۋە ئىزاھلانغان مەنە بىلەن داۋام قىلىپ، ئۆزلەشكەن تىل ئادىتىمىز بويىچە ئىشلەتكىنىمىز ياخشى.

تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ ئۇقۇم مەنىسى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە ئىزاھلانغىنى بويىچە ئېلىندى. بەزىلىرىگە تىرناق ئىچىدە تولۇقلىما ئىزاھات بېرىلدى. لۇغەتتىكى بەزى سۆزلەرنىڭ ئىزاھاتىغا مۇستەملىكە تۈزۈم ئىسكەنجىسى تۈپەيلى ئايرىم سىنىپىي ئاتالغۇلار قوشۇلغان بولۇشى مۇمكىن. قەلەم ئىگىلىرىنىڭ تۈزىتىپ پايدىلىنىشىنى ۋە ئىلمىي ئاساستا تولۇقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

1. سىياسىي - ھۆكۈمەت، پارتىيە، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخىس قاتارلىقلارنىڭ ئىچكى ئىشلار ھەم خەلقئارا مۇناسىۋەت جەھەتلەردىكى پائالىيىتى. سىياسىي ئىقتىسادنىڭ مەركەزلەشكەن ئىپادىسى بولۇپ، ھەر قانداق بىر سىنىپنىڭ سىياسىيسى ئۆز سىنىپىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ ۋە ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدۇ.

2. سىياسەت - دۆلەت ھاكىمىيىتى ياكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇش، سىرت بىلەن ئالاقە باغلاش ھەمدە بەلگىلىك تارىخىي شارائىت ئىچىدىكى يۆنىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تۈزۈپ چىققان ھەرىكەت مىزانى ياكى تۇتقان يولى.

(يۇقىرىدىكى ئۇقۇم مەنەلىرىدىن قارىغاندا، سىياسىي ۋە سىياسەت ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئىھتىياجىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ) .

3. مەپكۇرە - ئىدىيە.

4. ئىدىيە - ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەتنىڭ تەپەككۇر نەتىجىسىدە كىشى مېڭىسىدە ئەكس ئەتكەن ئىنكاسى. ئۇنىڭ مەزمۇنى ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ خاراكتېرى ۋە كىشىلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇش شارائىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

5. ئىدېئولوگىيە - مەلۇم سىنىپ ياكى پارتىيەنىڭ مۇئەييەن كۆز قاراش، پىكىر، ئۇقۇم،

ئىدىيەلىرىنىڭ سىستېمىسى. سىياسىي كۆز قاراش، پەلسەپە، سەنئەت، دىنلارنىڭ ھەممىسى ئىدېئولوگىيەنىڭ شەكىللىرىدۇر. ھەرقانداق بىر خىل ئىدېئولوگىيە ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەتنىڭ ئىنكاسى، يەنى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان ئىقتىسادىي تۈزۈمنىڭ ئىنكاسى بولىدۇ، شۇ تۈزۈم مەنپەئەتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ ۋە ئۇنى قوغدايدۇ.

6. غايە - كەلگۈسى شەيئىلەر ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر ياكى ئارزۇ-ئۈمىد، ئىستەك؛ بىرەر ئىش-ھەرىكەتنى قىلىش توغرىسىدىكى ئوي، نىيەت، مەقسەت.

7. مىللىي - مەلۇم بىر مىللەتكە خاس بولغان مىللىي ئەنئەنە، مىللىي ئالاھىدىلىك، مىللىي كۈي. يەرلىك مىللەتكە تەۋە، مەلۇم دۆلەتكە، مەملىكەتكە تەۋە مىللىي دارامەت، مىللىي مەجلىس.

8. ئەقىدە - چىن كۆڭلىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن پىكىر، ئىشەنچ . بىرەر نەرسە توغرىسىدا شەكىللەنگەن ھۆرمەتلەش ۋە ياخشى كۆرۈش ئادىتى.

9. ئېتىقاد - ئىشەنچ ۋە ئېتىقادقا ئاساسەن شەك يوق دەپ قارالغان قائىدە ۋە ھۆكۈملەر.

10. ئەللامە - ئىلىم-پەننىڭ بىر نەچچە ساھەسىنى ئىگىلىگەن بىلىملىك ئادەم.

11. سىستېما - تەركىبىي قىسىملارنىڭ ئۆزئارا ئورگانىك باغلىنىپ، پىلانلىق رەۋىشتە جايلىشىشىغا ئاساسلانغان تەرتىپ؛ ئوخشاش تىپتىكى شەيئىلەرنىڭ مەلۇم مۇناسىۋەتتە تەشكىللىنىشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن پۈتۈنلۈك؛ بىرەر تەلىماتقا ئاساس بولىدىغان قائىدىلەر، كۆز قاراشلار ۋە پىرىنسىپلار يىغىندىسى؛ بىرەر ئىشنىڭ مېتودلىرى ۋە تەرتىپ-ئۇسۇللىرىنىڭ يىغىندىسى؛ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك بولغان قىسىملاردىن، ئېلېمېنتلاردىن تەركىب تاپقان پۈتۈنلۈك؛ ۋەزىپىلىرىگە قاراپ ياكى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشقان مۇئەسسەسەلەر يىغىندىسى؛ بىر مەقسەت ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئۈسكۈنە، ماشىنا، مېخانىزىم ۋە شۇ قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان يىرىك تېخنىكىلىك قۇرۇلما.

12. سىمۋول - بىرەر ئىش، نەرسە، ھادىسە قاتارلىقلار شەرتلىك ھالدا شۇلار ئىپادىلاپ بېرىدىغان ياكى ئەسلىتىدىغان تۇرمۇش ھادىسلىرى، ئۇقۇملار ۋە نەرسىلەرگە بەلگە قىلىنىدۇ ياكى تەققاسلىنىدۇ. مەسىلەن: تاڭنى ئازاتلىققا، تۈننى زۇلۇمغا، بوراننى ئىنقىلابقا بەلگە قىلغانغا ئوخشاش. بىرەر غايە، چۈشەنچە، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنى ئىپادىلەيدىغان، ئەسلىتىدىغان باشقا خىل نەرسە، ھادىسە ياكى شەرتلىك بەلگە. م: كەپتەر - تىنچلىقنىڭ سىمۋولى.

13. زېھىن (زىھنىيەت) - ئىنساننىڭ بىلىش، پىكىر قىلىش قابىلىيىتى، ئەقلىي ئىقتىدارى، ئوي-خىيالى، ئەس-ھوشى، ئىدراكى، ئەقىل-پاراسىتى.

14. بىرلىشىش، بىرلەشمەك - ئۆزئارا تۇتاشماق، ئۇلانماق؛ مەلۇم مەقسەت ياكى مەلۇم ئاساستا بىر-بىرىگە قوشۇلماق، ئۇيۇشماق.

15. ئىتتىپاق - گۇرۇپپا، جەمئىيەت، سىنىپ، مىللەت ياكى دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە ئىش قىلىش ئۈچۈن تۈزگەن بىرلەشمىسى (بىرلىكى).

16. ئىتتىپاق تۈزمەك (ئىتتىپاقلىشىش) - بىرلىشىش، بىرلىكتە ئىش قىلىش ئۈچۈن ئۆزئارا

كېلىشىپ قارار ماقۇللىماق. ئىتتىپاق بولماق - ئىتتىپاقلاشماق، ئىناق ئۆتمەك.

17. ھەمكارلىشىش - ھەمكارلاشماق - ياردەمدە بولماق، ئۆزئارا ياردەملەشمەك؛ بىرەر ئىش، بىرەر ۋەزىپە ۋە خىزمەت قاتارلىقلارنى بىر قانچە ئادەم ياكى بىر قانچە ئورۇن (تەشكىلات) ئۆزئارا ماسلىشىپ ئىشلەش، ئورۇنلاش.

18. ئىستراتېگىيە - ئۇرۇش قىلىش سەنئىتى، كۆچمە، ئىجتىمائىي، سىياسىي كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلىش سەنئىتى. (ئىستراتېگىيە - بەلگىلەنگەن نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قولۇڭدىكى بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى ۋە مەنبەلەرنى سەپەرۋەر قىلىش سەنئىتى. ئىستراتېگىيە بىر سەنئەت بولسا، ئىستراتېگىيە تەتقىقاتى بىر ئىلىمدۇر - ئەركىن ئەكرەم)

19. مۇئەسسەسە - بىرەر ساھەنى باشقۇرىدىغان، بەلگىلىك ئىشتات ۋە مەمۇرىيەتكە ئىگە بولغان تەشكىلات.

20. رادىكال - نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا تۈپ ۋە كەسكىن چارە كۆرۈشنى تەلەپ قىلىش. (ئىجتىمائىي جەھەتتىن كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق) كەسكىن ئۆزگىرىشلەرنى تەشەببۇس قىلىش.

21. ئۇلۇس - مىللەت (توپ)، خەلق؛ بىر ئۇلۇس ئۆزىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى بولغىنى ئۈچۈنلا، ئۆز-ئۆزىگە خاس بىر ئۇلۇس بولىدۇ.

(مەلۇم جۇغراپىيەلىك شارائىتتا دەرقەمتە ياشىغان، ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئاساسىدا بىرلەشكەن مىللەتلەر توپى ئۇلۇس بولىدۇ. ئۇلۇسنىڭ ئۇقۇم مەنىسى تىلىمىزدىكى «خەلق، ۋەتەن، دۆلەت» دىگەن سۆزلەرنىڭ ئۇقۇم مەنىسى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. مەسىلەن: «شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسى» دېگەننى «شەرقىي تۈركىستان خەلقى (دۆلىتى)»، «ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستان» دېسەك تېخىمۇ چۈشىنىشلىك، ئۆز تىل بولىدۇ.

21. مىللەت - ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىياتلار ئارقىسىدا شەكىللەنگەن ئورتاق تىل، ئورتاق زېمىن، ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە ئورتاق مەدەنىيەتتە ئىپادىلىنىدىغان ئورتاق پىسخولوگىيىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە كىشىلەر توپى.

(مىللەت ئوخشاش تىل بىرلىكىگە، ئوخشاش ئۆرپ-ئادەتكە، ئوخشاش تارىخىي كەچۈرمىشلەرگە ئىگە ئىنسانلار توپىنى كۆرسىتىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا مىللەت ئۇلۇسنىڭ (خەلقنىڭ) تەركىبىي قىسمى بولىدۇ. بەزى ھاللاردا مۇستەقىل گەۋدىلىنىشىمۇ مۇمكىن. مىللەتنى يەرلىك گۇرۇپپا قاتارىغا كىرگۈزۈش تىل ئادىتىمىز ۋە چۈشىنىشىمىزگە توغرا كەلمەيدۇ. تىلىمىزدا «يەرلىك گۇرۇپپا» دەپ ئادەتلەنمىگەن، بەلكى «يەرلىك خەلق» دېيىلگەن. «گۇرۇپپا» دىگەن سۆز ئادەملەر توپىنىڭ كىچىك بىرلىكلىرىنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلگەن. مەسىلەن: مۇئەللىم سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى بىر قانچە گۇرۇپپىغا بۆلدى. ئۇلار بىر قانچە گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. «يەرلىك خەلق» دېيىلگەندە ئۇ يۇرت، بۇ يۇرتتا ياكى مەلۇم جۇغراپىيەلىك شارائىتتا ياشىغان ئادەملەرنىڭ مەلۇم دائىرىدىكى توپىغا قارىتا ئېيتىلىدۇ. بۇلار مىللەتنىڭ تەركىبلىرى بولىدۇ).

2019.11.23

بۇ خەۋەر 173 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق