چاقماق خەۋەر

ساخاۋەتچى ئوسمان ھاجىمىڭ ئىز- دېرىكى بولمىغان

ساخاۋەتچى ئوسمان ھاجىمىڭ ئىز- دېرىكى بولمىغان

ئۆز خەۋىرىمىز: 21- ئىيۇن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان شاھىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 74 ياشلىق ساخاۋەتچى ئوسمان نىياز ( ئوسمان ھاجىم زەرگەر ) 2017-يىلى 5-ئايدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقون قىلىنىپ ھازىرغىچە ئىز -دېرىكى بولمىغان.

شاھىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر شەھەر ئۆستەڭ بويى ئىجتىمائىي رايونى ئېگىز ئېرىق ئاھالە كومىتېتى غوجا ئەلاخۇنۇم كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئوسمان نىياز (ئوسمان ھاجىم زەرگەر ) جامائەت ئەربابى مەرىپەتپەرۋەر خەيرى ساخاۋەتچى كىشى بولۇپ،  1947-يىلى قەشقەر شەھەردە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ  دادىسى مەشھۇر مائارىپچى نىياز ئەمىن بولۇپ، بوۋىسى ئاپاق غوجا مازىرى مەدرىسىنىڭ شەيخى ئەمىن شەيخ ئاخۇنۇم ئىكەن. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەشقەر خەلق باشقۇرۇشىدىكى تىل-تېخنىكا مەكتىپىنىڭ قورۇغۇچى ھەيئەت ئەزاسى ئىكەن. بىر مەزگىل ئورتا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تىجارەت قىلغان. يېقىنقى 10 يىلدىن بىرى خەير -ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئۆزىنى ئاتاپ، قەشقەردە ساخاۋەتچى ئاتىلار جەمئىيىتى ، ساخاۋەتچى ئاتىلار ھەقسىز كۈتۈپخانا قاتارلىق ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەرنى تۈرۈپ ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قىلغان.

ياشلىق ساخاۋەتچى ئوسمان نىياز ھاجىم  2017 -يىلى 5-ئايدا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ،  ھازىرغىچە ئىز- دېرىكى بولمىغان.

بۇ خەۋەر 883 قېتىم كۆرۈلدى
22/06/2020 15:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق