زۇمرەت خانىمغا خىتايدىن تەھدىت خېتى كەلدى
زۇمرەت داۋۇت خانىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان لاگېر ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىزغىن قىلىش جىنايىتىنى خەلقئارادا جۈرئەتلىك پاش قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن . خىتاي زۇمرەت خانىمنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى خەلقئارادا باش قىلىشنى توختىتىش ئۈچۈن رەزىل ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سالغان بولسىمۇ بىراق زۇمرەت خانىم قەيسەرلىك بىلەن خىتاينى خەلقئاردا پاش قىلىشىنى داۋاملاشتۇرغان لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بىرى. يېقىندا زۇمرەت خانىمغا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەھدىت خېتى كەلگەن. تەھدىت خېتىدە مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن.
« زۇمرەت ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت ، سەن بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەخمەق قىلما ، سىنىڭ يالغان ياۋىداق سۆزۈڭ خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ . بىز سەندىن يىراقتا ئەمەس ، سەن ھازىر بالىلىرىڭ بىلەن بىللە ياشىيالىغانلىقىدىن خوش بولساڭ بولىدۇ .»
زۇمرەت داۋۇت خانىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. ئۇ ئۆتكەن يىلى 24-سېنتەبىر «شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسى» يىغىنىدا جازا لاگېرلىرىدىن خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. زۇمرەت خانىمنىڭ بەرگەن ئىسپاتلىرى خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغاپ، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشقا كۈچلۈك ھەسسە قوشقان ئىدى. خىتاينىڭ جىنايىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەندىن كېيىن خىتاي زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ دادىسىغا لاگېردا زىيانكەشلىك قىلىنغاندا زۇمرەت داۋۇت جۈرئەتلىك ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى يەنە پاش قىلغان ئىدى.