چاقماق خەۋەر

رىزەدە خىتايغا قارشى يۈرۈش قىلىندى

رىزەدە خىتايغا قارشى يۈرۈش قىلىندى
26- دېكابىر رىزەۋىلايىتىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۇزۈۋاتقان قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە قارشى يۈرۈش ۋە بايانات ئېلان قىلىندى.
پائالىيەتنى رىزە ئاتاندولۇ ياشلار تەشكىلاتى تەشىكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رىزە ۋەكىلى ئابدۇقادىر ھەقيار ئىشتىراك قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ۋە « زۇلۇم ئەبەدى بولمايدۇ، زەرىللىق ھامان مەغۇلۇپ بولىدۇ! » دېگەن پىلاكاتنى كۆتۈرگەن خەلق « خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۈن !»، « لاگېرلار تاقالسۇن !» دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلاپ رىزە مەزكزى كوچىلىرىدا يۈرۈش قىلدى.
ئاخىردا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستان خەلقى ئۈستىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە قارىشى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە تۈرك دۇنياسى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، خىتاي ماللىرىنىڭ بايقۇت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. خىتاينى لاگېرلارنى تاقاشقا، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.

بۇ خەۋەر 256 قېتىم كۆرۈلدى
27/12/2019 16:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق