چاقماق خەۋەر

دەۋا سېپىدىكى پائالىيەتچىلەر نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

دەۋا سېپىدىكى پائالىيەتچىلەر نۇزۇگۇم جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

10-دېكابىر يازغۇچى بەدىيە تۈركە خانىم بىلەن باگىيە كۆچمىش خانىم شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.
مېھمانلارنى جەمئىيەتنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرى ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى. زىيارەتكە كەلگەن مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى. مېھمانلار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاقىدار نۇرغۇن سوئاللارنى سوراپ ئەھۋال ئىگىلىدى. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيەدە قانداق قىلىپ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.
بەدىيە تۈركە خانىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە كىتاب يازىدىغانلىقىنى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە شەرقىي تۈركىستاننى تونۇشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
10-دېكابىر نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىدىن تۆت ۋەكىل ھۆرىيەت پارتىيەسىنىڭ ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
پائالىيەتتە ھۆرىيەت پارتىيەسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، نۇزۇگۇم جەمئىيىتى ئەزالىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەرنى كۆرگەزمە قىلدى.

بۇ خەۋەر 102 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق