دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يىللىق يىغىنى خىتاينىڭ كۈتكىنىدەك بولمىدى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىللىق ئومۇمىي يىغىنى 18-ماي سىنلىق يىغىن شەكلىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تەيۋەن بۇ يىلمۇ يىغىنغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن.

194 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان مەزكۇر يىغىندا شى جىنپىڭىمۇ مەخسۇس سۆز قىلغان بولۇپ، ۋىرۇس يۇقۇمى ھەققىدە خىتاينى ئاقلىغاندىن سىرت، يەنە كەلگۈسى ئىككى يىل ئىچىدە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش خىزمىتى ئۈچۈن ئىككى مىليارد دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىندا يۈزدىن ئارتۇق دۆلەت خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى تېدروس كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرۈپ، پات يېقىندا ۋىرۇس يۇقۇمىغا قارىتا مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى باشلايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ يەنە بىر قىزىق نۇقتىسى تەيۋەننىڭ يىغىنغا قاتنىشىش سالاھىيىتى مەسىلىسى بولۇپ، 14 دۆلەت تېدروسقا مەكتۇپ يوللاپ، تەيۋەننى يىغىنغا قاتناشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. يىغىندا بۇ مەسىلىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، يىغىن رەئىسى بېيىن بۇنى يىل ئاخىرىدىكى قوشۇمچە يىغىندا ھەل قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەيۋەننى يىغىنغا قاتناشتۇرمىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

فىرانسىيە دۇنيا گېزىتى بۇ قېتىملىق يىغىنغا باشقىچە باھا بەرگەن بولۇپ، تۈنۈگۈن گېزىتنىڭ باش بېتىگە «خىتاي دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدا سوراق قىلىندى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالىدە بۇ قېتىملىق يىغىندا ۋىرۇس مەنبەسىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ۋە تەيۋەننى يىغىنغا قاتناشتۇرۇشتىن ئىبارەت خىتاي تىلغا ئېلىنىشىنى قەتئىي خالىمايدىغان ئىككى مەسىلىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

 
بۇ خەۋەر 454 قېتىم كۆرۈلدى
19/05/2020 15:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق