چاقماق خەۋەر

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قورقۇنچلۇق باياناتى: ھېچقانداق نەرسە بۇرۇنقىدەك بولمايدۇ

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ قورقۇنچلۇق باياناتى: ھېچقانداق نەرسە بۇرۇنقىدەك بولمايدۇ

    28- ئىيۇل ahaber تورى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى دوكتور تېدروس ئادھانوم گېبرېيېسۇس (Tedros Adhanom Ghebreyesus) بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيادا خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ھېچقانداق نەرسە بۇرۇنقىدەك بولمايدۇ دېگەن.

   دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى دوكتور تېدروس ئادھانوم گېبرېيېسۇس شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقان. ئۇ بۇ يىغىندا خىتاي ۋىرۇسى ھەققىدە قورقۇنچلۇق بايانات بەرگەن. ئۇ سۆزىدە:

   «مەن سىلەرگە سەمىمىيىتىم بىلەن سۆزلەيمەن، بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيا ھېچ بىر ۋاقىت بۇرۇنقىدەك بولمايدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزى پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن.

    خىتاي ۋىرۇسى دەسلەپتە، 2019- يىلى 12- ئايدا خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ يۇقۇملۇق كېسەللىك بايقىلىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن دۇنياغا كېڭەيگەن. بۇ كېسەللىك تارقىلىپ پەقەت ھازىرغىچە بولغان 7 ئاي ئىچىدە دۇنيادا 650 مىڭدىن كۆپ كىشى بۇ كەسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن. 16 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يۇقۇملانغان. بۇ كېسەللىك خەلقئارادا «يۇقۇملۇق كېسەل» دەپ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەر بۇ ۋىرۇسقا قارشى ۋاكسىنا ۋە دورا ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئىدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇ باياناتى، بۇ ۋىرۇسقا قارشى ۋاكسىنا ۋە دورا ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان پۈتۈن دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئۈمىدىگە سوغۇق سۇ سېپىدىغان ئىنتايىن ۋەھىمىلىك بىر بايانات بولغان.

    يەنە بىر تەرەپتىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، خىتاي ۋىرۇسنى يېڭىپ ساقايغان كېسەللەرگە ۋىرۇسنىڭ قايتا يۇقۇش ئېھتىمالىنىڭ بار-يوقلۇقىغا «تولۇق جاۋاب» يوق بولۇپ، بۇ تېما ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلار «ئاكتىپ ھالدا» داۋاملاشماقتا ئىكەن.

بۇ خەۋەر 225 قېتىم كۆرۈلدى
29/07/2020 16:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق