دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا مەكتۇپ يوللىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا 30-ئىيۇل خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى رەئىسى توماس باخقا مەكتۇپ يوللاپ، خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.

مەزكۇر مەكتۇپتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنى ۋەھشىيلەرچە خورلاش قىلمىشىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى شەكىللەندۈرگەنلىكى، بۇنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى روھىغا ۋە ئىدىيەسىگە پۈتۈنلەي خىلاپ ئىكەنلىكى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرىغا ئىپادە بىلدۈرمەسلىكىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇندىن بۇرۇن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا يۇقىرىقىغا ئوخشاش چاقىرىقنى يوللىغان بولسىمۇ، ئەمما ئولىمپىك كومىتېتى بۇ ھەقتە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمەي كەلگەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ مەكتۇپى ھەققىدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن ئالاقىلاشقان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.
ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مەلۇم ھەيئەت ئەزاسى بۇندىن بۇرۇن بىلدۈرگەن سۆزىدە، كېلەر يىلىدىكى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە 2022-يىلىدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئۆتكۈزۈلمەسلىكى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ خەۋەر 1406 قېتىم كۆرۈلدى
31/07/2020 21:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق