چاقماق خەۋەر

دۇنيا ئىسلام بىرلىكى خەلقئارا ش ت ت ب نى زىيارەت قىلدى

13-يانۋار دۇنيا ئىسلام بىرلىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى رەئىسى ئەھمەد ئەززامنىڭ باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنى زىيارەت قىلدى.
مېھمانلارنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۇستاز سىراجىدىن ئەزىزى، باشقا تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ئۇستازلار كۈتۈۋالدى.
مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ۋاسىتە تاللىماي باستۇرۇپ، قىرغىن قىلىۋاتقانلىقى، بارلىق ئىبادەتلەرنى چەكلىگەنلىكى، مەسچىتلەرنى چېقىپ، قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈپ، خەلقنى دىندىن يېنىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى قاتارلىقلار ئەھۋاللار تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى.
يىغىندا يەنە نەچچە يىلدىن بېرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تۆھمىتى سەۋەبلىك تايلاند تۈرمىسدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئۇلارنى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قىلىش قاتارلىقلار مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

بۇ خەۋەر 655 قېتىم كۆرۈلدى
14/01/2020 17:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق