چاقماق خەۋەر

خەلقئارا ئورگانلار شەرقىي تۈركسىتانغا بىمالال كىرەلىشى كېرەك

خەلقئارا ئورگانلار شەرقىي تۈركسىتانغا بىمالال كىرەلىشى كېرەك
29 - نويابىر تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىىسى ت ر ت خەۋەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئىنسان ھەقلىرى كۈزىتىش كومىتېتى رەئىسى خاقان چاۋۇشئوغلۇ خىتايدىن كەلگەن ئاتالمىش ئىنسان ھەقلىرى ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى. خىتاي تەرەپتىن كەلگەن ھەيئەتنىڭ بېشىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى تەرەققى قىلدۇرۇش ۋەخپىنىڭ باشلىقى خۇاڭ مېڭفۇ بولۇپ، چاۋۇشئوغلۇ كۆرۈشۈشتە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار خەلقئارا ئورگان ۋە مەتبۇئاتلاردا چىقىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ ھەقتە خىتاي تەرەپتىن مەلۇمات ئېلىش، مۇزاكىرە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي مېھمىنىدىن تېخىمۇ ئوچۇق بولۇشىنى تەلەپ قىلغان چاۋۇشئوغلۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىلىرى ھەققىدە تەكشۈرۈشتە بولۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق ئورگانلار شەرقىي تۈركىستانغا بىمالال كىرەلىشى كېرەك ۋە بۇ مەسىلىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشتىمۇ دادىل بولۇش كېرەك دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

https://www.trthaber.com/haber/gundem/hakan-cavusoglu-dogu-turkistana-uluslararasi-kuruluslar-girebilmeli-443716.html

بۇ خەۋەر 205 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق