خىتاي: خوڭكوڭ قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ھەمكارلىققا زىيانلىق

خىتاي: خوڭكوڭ قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ھەمكارلىققا زىيانلىق

29-نويابىر گېرمانىيە ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «ئامېرىكىدا ماقۇللانغان خوڭكوڭ قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقىغا زىيانلىق» دېگەن.
گېڭ شۇاڭ مۇخبىرنىڭ «دونالد تىرامپنىڭ قانۇن لايىھەسىنى ئىمزالىشى داۋاملىشىۋاتقان سودا سۆھبىتىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «كېلىشى كېرەك بولغانلار ھامان بىر كۈنى كېلىدۇ. ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ئىككىلا تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەن خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇنى رەسمىي ئىجرا قىلىنغان تەقدىردە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەمكارلىققا ئېغىر زىيان يېتىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خوڭكوڭدا ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان بەش مىڭغا يېقىن نامايىشچى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان. 28-نويابىر تىرامپ «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇنى»نى رەسمىي تەستىقلاپ، خوڭكوڭدىكى نامايىشلاردا قاتتىق قوللۇق قىلغان ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە جاۋابكارلىقى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە خوڭكوڭ ساقچىلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 24356 قېتىم كۆرۈلدى
30/11/2019 14:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق