خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى يەنە بىر جاسۇسلۇق قىلمىشى ئاشكارىلاندى
ئانالوگلۇق ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مالتانىڭ بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىمىي ۋەكىللەر بىناسىدا خىتاينىڭ جاسۇسلۇق پائالىيىتى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
فىرانسىيە دۇنيا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېلگىيە مەخپىيەتلىك ئىدارىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دائىمىي ۋەكىللەر بىناسىنىڭ خىتاينىڭ جاسۇسلۇق قىلىش ئۈچۈن قۇرغان بىر قىسىم تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ بارلىقىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان.
2007-يىلى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن مەزكۇر بىنانىڭ بۇندىن بۇرۇن رېمونت قىلىنغانلىقى بۇ ھەقتە ئەندىشە قوزغىغان بولۇپ، بىنانى رېمونت قىلىش جەريانىدا ئۆي جاھازىلىرى ۋە ئىشخانا بۇيۇملىرى 300 مىڭ دوللارلىق ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە خىتايدىن بىريۇسسېلغا ئېلىپ كېلىنگەن.
بۇ ھەقتىكى تۇنجى ئاگاھلاندۇرۇش ئەنگلىيە مەخپىي ئورگىنى تەرىپىدىن بېرىلگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي مەخپىي ئورگىنىنىڭ مالتانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دائىمىي ۋەكىللەر بىناسىنىڭ يېڭىلىنىشىغا قول تىققانلىقى خەۋەر قىلىنغان. بېلگىيە ئەمەلدارلىرى 2010-يىلى ئەتراپىدا خىتاينىڭ جاسۇسلۇق قىلغانلىقىدىن گۇمانلانغان تۇنجى ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان.
ئەمما مالتا مالتا ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتايدىن سېتىۋالغان ئۆي جاھازىلىرىنىڭ ياخشى تەكشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. مالتانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سابىق دائىمىي ۋەكىلى رىچارد مالتا ۋاقىت گېزىتىگە بىلدۈرگەن سۆزىدە ۋەكىللەر بىناسىدىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۇقىرى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئاساسەن سەپلەنگەنلىكىنى، فىرانسىيە دۇنيا گېزىتىنىڭ خەۋىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان