چاقماق خەۋەر

خىتاينىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تۇيۇقسىز ئۆلگەن

خىتاينىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تۇيۇقسىز ئۆلگەن
ب ب س خەۋەر تورىنىڭ 17-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن خىتاينىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دۇ ۋېي ئۆز تۇرالغۇسىدا ئۆلۈك ھالەتتە بايقالغان.
خىزمەتچىلەر دۇ ۋېينىڭ كارىۋاتىدا ئۆلۈپ قالغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، تۇرالغۇسىدىن قاتىللىق ئالامەتلىرى تېپىلمىغان.
ئىسرائىلىيە ساقچى دائىرىلىرى دۇ ۋېينىڭ ئۆلۈش سەۋەبى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇنىڭ نورمال ئۆلۈم ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى، نەق مەيدانغا بارغان قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ دۇ ۋېينىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىمۇ ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى دەلىللىگەنلىكىنى، كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
دۇ ۋېي 2016-يىلدىن باشلاپ ئۇكرائىنادا پەۋقۇلئاددە ۋە تولۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، بۇ يىل 2-ئايدا خىتاينىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان.

مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ئىسرائىلىيەنى زىيارەت قىلغاندا، خىتاينىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. خىتاينىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئەزەلدىن ۋىرۇس يۇقۇمىنى يوشۇرمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ۋە پومپېيونىڭ سۆزلىرىنى «قالايمىقان بىلجىرلاش» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 157 قېتىم كۆرۈلدى
18/05/2020 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق