خىتاينىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە سالغان بويۇنتۇرۇقى بارغانسېرى چىڭىماقتا

خىتاينىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە سالغان بويۇنتۇرۇقى بارغانسېرى چىڭىماقتا

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت مالىيەسى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى قىزىل رەقەمگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، بارا-بارا خىتايغا بېقىنىپ قېلىشقا باشلىغان.

ھۆكۈمەتنىڭ خامچوتىغا ئاساسلانغاندا، خىتايغا قايتۇرىدىغان قەرز 2023-يىلىغا بارغاندا %25 ئاشىدىغان بولۇپ، 67 مىليون دوللارغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن. تەبىئىي بايلىقلىرى مول، ئەمما ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايغا بارا-بارا بېقىنىپ قالغان بولۇپ، خىتاي-ئامېرىكا سودا ئۇرۇشىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئامېرىكا بۇرۇن بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ بۇلاڭ-تالاڭ خاراكتېرلىك سودا سىياسىتىنڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گەرچە ھۆكۈمەت خامچوتىدا خىتاينىڭ قەرز سوممىسى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما رويتېر ئاگېنتلىقى بۇ دۆلەتكە ئەڭ كۆپ قەرز بەرگۈچىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىقتىسادىي ۋاسىتە ئارقىلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىگە بولغان تەسىر كۈچىنى تېز سۈرئەتتە كۈچەيتكەن بولۇپ، زور مىقداردا قەرز بېرىش، قەرزنى قايتۇرالمىسا شۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا ئورۇنلىرىنى ياكى مۇئەسسەسەلىرىنى قەرزگە ھېسابلاپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەرنى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزمەكتە.

بۇ خەۋەر 1002 قېتىم كۆرۈلدى
02/12/2019 14:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق