چاقماق خەۋەر

خىتايلار يەرلەشتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇرلار سۈرگۈن قىلىنماقتا

خىتايلار يەرلەشتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇرلار سۈرگۈن قىلىنماقتا
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يۇرتلىرىدىن باشقا يەرلەرگە سۈرگۈن قىلىپ يوقىتىش بىلەن ماس قەدەمدە خىتايلارنى ھەر خىل ئېتىبار سىياسەتلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتمەكتە.
يېقىندا خىتاي ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا خىتايلارنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان ئېلان تارقالغان.
ئېلاندا: «ئۈچتىن كۆپ نوپۇسى بار، ئائىلىسىدە 19~39 ياش ئارىسىدا ئايال، 19~49 ياش ئارىسىدا ئەر نوپۇسى بولغان بىر خىتاي ئائىلىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىغا يەرلەشسە، ئۆي سەرەمجانلىرى بار، بېزەلگەن بىر يۈرۈش ئۆي ھەقسىز بېرىلىدۇ. ئۇندىن باشقا نوپۇسى ئاز ئائىلىگە ئىككى يېرىم گېكتار، نوپۇسى كۆپ ئائىلىلەرگە بەش يېرىم گېكتار يەر تەقسىم قىلىنىدۇ. پەرزەنتلىرى ھەقسىز ئوقۇتۇلىدۇ. ئۈچ يىلغىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ. خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ . پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كۆچۈپ كېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز» دەپ يېزىلغان.
يەنە بىر سىندا شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كەلگەن خىتايلارغا ھەقسىز بېرىلىدىغان قورۇ ئۆيلەر ۋە يېڭى بىنا ئۆيلەر كۆرسىتىلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر : خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەر خىل ناملار بىلەن يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىپ  قىرغىن قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز- ئارا جەڭگى – جېدەل قىلىۋاتقانلىقى، ئەسلىدە ئۇيغۇرلار ئۆز- ئارا جەڭگى – جېدەلنىڭ ئورنىغا خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشى، چەتئەللەردە ئۆي ئىجارىگە ئولتۇرۇپ خورلىنىشنىڭ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستاندا تەييارلانغان داچا ۋە ئېسىل بىنالاردا ھەقسىز ئولتۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.  

-ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1045 قېتىم كۆرۈلدى
10/09/2020 15:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق