خىتايدا يانفون ئىشلەتكۈچىلىرىنى كونترول قىلىش يەنە بىر قەدەم كۈچەيتىلدى
ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھەرقايسى تېلېگراف شىركەتلىرىدىن يېڭى ئابۇنىلەرنىڭ چىراي ئۇچۇرىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، 1-دېكابىردىن تارتىپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇندىن كېيىن خىتايدىكى يانفون ئىشلەتكۈچىلەر يېڭى نومۇر بېجىرمەكچى بولسا، ئۇلارنىڭ چىراي ئۇچۇرىمۇ خاتىرلىنىدىغان بولۇپ، كىملىك بىلەن ئابۇنىنىڭ بىردەك بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.
خىتاي دائىرىلىرى 2013-يىلىدىن تارتىپ بارلىق يانفون ئىشلەتكۈچىلارنىڭ كىملىك نومۇرى بىلەن ئابۇنە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق يانفون ئالاقىسىنى قاتتىق كونترول قىلغان ئىدى.
گەرچە خىتاي ئۇچۇر-ئالاقە تارماقلىرى بۇ قارارنىڭ ئابۇنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ ياكى ئوغرىلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى چىراي تونۇش تېخنىكىسىنى شەرقىي تۈركىستاندا زور كۆلەمدە قوللىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئاساسلىقى مال سېتىۋېلىش، ئاممىۋى سورۇنلاردىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىتىپ كەلگەن. كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ بۇ قارار ئارقىلىق خەلقنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ كونترول قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.