خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش لايىھەسىنى قوللايدىغان دۆلەتلەر كۆپەيدى
س ب س تورىنىڭ 18-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش لايىھەسىنى قوللايدىغان دۆلەتلەر كۆپىيىپ 116 گە يەتكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، دەسلەپتە 62 دۆلەت ئاۋسترالىيە ئوتتۇرىغا قويغان خىتاي ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى قوللىغان بولۇپ، كېيىن ئافرىقا بىرلىكىگە ئەزا 54 دۆلەتمۇ بۇ ئىتتىپاققا قوشۇلغان. نۆۋەتتە قوللىغۇچى دۆلەتلەر 116 گە يەتكەن. تۇنجى بولۇپ قوللىغان 62 دۆلەت ئىچىدە رۇسىيە، ھىندونېزىيە، ھىندىستان، ياپونىيە، ئەنگلىيە ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر بار بولۇپ، بۇلارغا يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت، بىرازىلىيە، كورېيە، مېكسىكا، تۈركىيە ۋە يېڭى زېللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قوشۇلغان.
نۆۋەتتە خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك دۇنيا بويىچە 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى تەسىرگە ئۇچرىغان، مىليونلىغان كىشىلەر ئىشسىز قالغان. بۇ تەكشۈرۈش لايىھەسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا بولغان تۈرلۈك ھەرىكەتلىرىنى ئادىل، مۇستەقىل ۋە ئەتراپلىق باھالاش تەلەپ قىلىنغان. ئەمما ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ چاقىرىقى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن.
خىتاي دائىرىلىرى تۈنۈگۈن 19-مايدىن باشلاپ ئاۋسترالىيەدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ئارپىدىن %80 ئەتراپىدا قوشۇمچە باج ئالىدىغانلىقىنى ۋە بىر قىسىم كالا گۆشى ئىمپورتىنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئاۋسترالىيە دېھقانچىلىق ۋە سۇ ئىشلىرى مىنىستىرى داۋىد لىتېلپىرود تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتىنىڭ يەرشارى مىقياسىدىكى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك يۇقۇمدىن بىرەر نەرسە ئۆگىنىش ئىكەنلىكىنى، ئەگەر خىتاي داۋاملىق ئارپا تاموژنا بېجى ئارقىلىق تەھدىت سالغان تەقدىردە، بۇ مەسىلىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. باش مىنىستىر سىكوت مورىسونمۇ (Scott Morrison) ئالدىنقى ھەپتە ئاۋسترالىيەنىڭ خىتاي ۋىرۇسىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.