چاقماق خەۋەر

خىتاي پۇقرالىرى خىتاي كومپارتىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن

خىتاي پۇقرالىرى خىتاي كومپارتىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن
ۋال كوچىسى تورىنىڭ 19- مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، چەتئەلدە قاپسىلىپ قالغان خىتاي پۇقرالىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۇلارنىڭ دۆلىتىگە قايتالماسلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋىرۇس يۇقۇمى سەۋەبلىك چەتئەللەردە قاپسىلىپ قالغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلگەن. چەتئەللەردە قاپسىلىپ قالغان خىتاي پۇقرالىرى غەزەپلەنگەن ھالدا خىتاي كوممونىستىك پارتىيەسىنى ئۆز پۇقرالىرى بىلەن كارى بولمىدى دەپ، تەنقىدلىگەن.
يېقىندا خىتايدا ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ قايتا باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، خىتايغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئازايغان. بۇ ۋەقە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بارغان خىتاي پاسپورتى بار كىشىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كېتىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن. بېلەت سانى چەكلىك بولغانلىق سەۋەبىدىن خىتايلار ئۆزئارا رىقابەتلىشىشكە باشلىغان. چەتئەلدە قاپسىلىپ قالغان نۇرغۇن خىتايلار خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ قىزىق لىنىيەسىنى ئالدىراش قىلىۋەتكەن. غەزەپلەنگەن خىتاي پۇقرالىرى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا خىتاي كومپارتىيەسىنى ئەيىبلەيدىغان ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغان ھەمدە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان.
نېپال ساقچىلىرى نېپال باش مىنىستىرى ئىشخانىسى جايلاشقان كاتماندۇدىكى شىر ئوردىسىغا بۆسۈپ كىرمەكچى بولغان 47 خىتاي پۇقراسىنى تۇتقان. ئەسلىدە بۇ خىتاي پۇقرالىرى نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان.
نېپال ساقچى تەرەپ باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۆت خىتاي پۇقراسى مەدەنىيەتسىز ھەرىكەتكە چېتىشلىق جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان.

بۇ خەۋەر 219 قېتىم كۆرۈلدى
20/05/2020 18:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق