خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۈگۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىش تەلىپىگە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۈگۈن (15-سېنتەبىر) ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىندىن: «خىتاي، گېرمانىيە، ياۋروپا رەھبەرلىرى ئۇچرىشىش مەزگىلىدە ياۋروپا تەرەپ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ياۋروپانىڭ بۇ تەلىپىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى مۇمكىنمۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ تەلەپكە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ھەرۋاقىت ياۋروپا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ «يالغان-ياۋىداق سۆزلەر»گە ئىشەنمەي، شەرقىي تۈركىستاننىڭ «ھەقىقىي ئەھۋالى»نى كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 14-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىشېل خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سىنلىق يىغىندىن كېيىنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بىز خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت قاتارلىق رايونلاردىكى مىللەتلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى، شۇنداقلا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ تەقدىرىگە بولغان ئەندىشىمىزنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرغا كەڭ كۆلەملىك زىيانكەشلىك قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدۇق. بىز يەنە خىتايدىن مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشىگە يول قويۇشنى تەلەپ قىلدۇق» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ۋاڭ ۋېنبن جاۋابىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ زىيارەت تەلىپىگە قوشۇلغانلىقىنى ۋە بۇنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما «جىنايەت بېكىتىش» تۈسىدىكى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.