خىتاي لاگېرنى تاقىشى كېرەك
-28نويابىر شىۋېتسارىيە ئۇچۇر تورىنىڭ (swissinfo) خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شىۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىگنازىئو كاسىس (Ignazio Cassis) بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان.
باياناتتا خىتاينى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، ب د ت نىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى جازا لاگېرىنىڭ ئەھۋالىنى ئەركىن تەكشۈرۈشكە يول قويۇشقا چاقىرغان.
باياناتتا يەنە شىۋېتسارىيەنىڭ خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، پىكىر ئەركىنلىكى، ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، مانا بۇلار شىۋېتسارىيەنىڭ سىياسىي مەيدانى ئىكەنلىكىنى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارنى تاقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.