چاقماق خەۋەر

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا 619 مەسىلىنى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا  619 مەسىلىنى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 21- ئىۇندىدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە ، خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى بىر ئاي ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا 619 مەسىلىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش قىلمىشلىرى خەلقئارادا كۈچلۈك  كۈنتەرتىپكە كەلگەن يېقىنقى مەزگىللەردە، خىتايدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتكە ماس ھالدا قوزغىلىپ كېتىشىگە بولغان قورقۇنچ ئاشقان. شۇ سەۋەبلىك ھەر خىل تۈزۈملەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەمدە خىتايغا ئىشلەۋاتقان قورچاق ئەمەلدارنى تەقىب قىلىشنى كۈچەيتكەن .

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل  5-ئاي ئىچىدە  شەرقىي تۈركىستان بويىچە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى» نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، 619 مەسىلىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، بۇ مەسىلىلەرگە چېتىلغان  665 ئادەمنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ بىراق جازالانغان شەخس، جازالانغان شەخسلەرنىڭ مىللەت ئايرىمىنى ئاشكارىلىمىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە،  جازالانغان 665 كىشىنىڭ ئىچىدە شەكىلۋازلىق قىلىپ خىتاينىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش قىلماسلىق مەسىلىسدىن 461 ى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان. راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك مەسىلىسىدىن 158 ى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان.  394 ئادەمگە خىتاى كوممۇنىستىك پارتىيە ئىنتىزام جازاسى ھەمدە مەمۇرىي جازا بېرىلگەن.

جازالانغان كىشىلەر ئىچىدە «ۋەزىپە- مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلمىغان، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالمىغان. قالايمىقان ئىش قىلىپ ، تەرەققىياتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن »دېگەن باھانىلەر بىلەن  جازالانغان ئادەم 428 گە يەتكەن. «خىزمەتكە پاسسىپلىق قىلىش ، ئېتىبارسىز قاراش، ئۈنۈم تۆۋەن بولۇش »  دېگەن باھانە بىلەن 24 كىشى جازالانغان.

خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ بۇيرۇق ۋە سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشتا «قاتتىق» بولۇش ئاساسىي رىتىمىدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش،  نازارەتچىلىك ۋە تەقىب قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى سىجىل ساپلاشتۇرۇش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

كۆزەتكۈچىلەر : خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايغا قاراتقان بېسىمنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي كومپارتىيەسى ئىچكى قىسىمىدا ئۆز ئىچىدىن پارچىلىنىشتىن قورقۇش پىسخىكىسى كۈچەيگەن. خىتاي ماس  قەدەمدە شەرقىي تۈركىستاندا « چىرىكلىككە قاتتىق زەربە بېرىش » نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەمدە خىتايغا خىزمەت قىلىۋاتقان قورچاق ئەمەلدارلارنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن جازالاشنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 789 قېتىم كۆرۈلدى
23/06/2020 16:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق