چاقماق خەۋەر

خىتاي دائىرىلىرى يەنە بىر ئۇيغۇر ئەمەلدارنى جازالىدى

ئاتالمىش «شىنجاڭ كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ 11-سېنتەبىر ئېلان قىلغان خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق ئىدارە باشلىقى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى گۈلشەن تۇراخۇن «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12–نۆۋەتلىك كومىتېتىدىكى ئەزالىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان.

گۈلشەن تۇراخۇن خىزمەتكە چۈشكەندىن تارتىپ ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسىدا خىزمەت قىلغان. 2011-يىلى مەزكۇر ئورگاننىڭ ئىدارە باشلىقلىقىغا سايلانغان. 2014-يىلى ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ ئورگاننىڭ ئىدارە باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

خەۋەردە گۈلشەن تۇراخۇننىڭ قايسى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ۋە باشقا قانداق جازالارغا ئۇچرايدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدىكى قانلىق سىياسىتى ئاددىي پۇقرالارغىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەمەلدارلارغىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتتى. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى تازىلاش» ھەرىكىتى جەريانىدا كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە جازالاندى. مائارىپ، نەشرىيات، ئاخبارات ساھەسى بولسا خىتاينىڭ ئەڭ ئېغىر زەربە نىشانىغا ئايلانماقتا.

بۇ خەۋەر 1255 قېتىم كۆرۈلدى
12/09/2020 14:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق