خىتاي خوڭكوڭ مەسىلىسىدە ب د ت نى ئەيىبلىدى
ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خوڭكوڭ مەسىلىسىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسىنى ئەيىبلىگەن.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مىشىل باچېلېت 30-نويابىر ماقالە ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭ ھۆكۈمەت باشلىقى لىنجېڭ يۆئېنىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ھەل قىلىشىنى، ھېچقانداق تەرەپكە يان باسمايدىغان مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپسى تەشكىللەپ، نامايىشچىلارغا قاتتىق قوللۇق قىلغان ساقچىلارنى تەكشۈرۈشىنى تەشەببۇس قىلغان.
خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى مىشىل باچېلېتنى ئەيىبلەپ: «خوڭكوڭ مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، مىچېل باچىلىت خوڭكوك ھۆكۈمىتى ۋە ساقچىلىرىغا بېسىم قىلىپ، زوراۋانلارغا يانتاياق بولۇۋاتىدۇ، خىتاي مىشېل باچېلېتنىڭ بايانلىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
لىنجېڭ يۆئې بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، نامايىشچىلارنى تىنچلاندۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقى بىلدۈرگەن ھەمدە نامايىشچىلارنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ساقچىلارنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭدىكى نامايىش باشلانغاندىن بۇيان 5890 نامايىشچى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ، بىراق خوڭكوڭ خەلقى 30-نويابىر كوچىلارغا چىقىپ قەسەم قىلىش ئارقىلىق خوڭكوڭدا ھەقىقىي دېموكراتىيە ئىشقا ئاشمىغۇچە قەتئىي چېكىنمەيدىغانلىقىدەك ئىرادىسىنى بىلدۈرگەن.