خىتاي خاككېرلىرى ئامېرىكىنىڭ ۋاكسىنا تەتقىقات نەتىجىسىنى ئوغرىلىماقچى بولغان
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىسى بولغان بىر نەچچە خاككېر خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مودىنا (Modena) شىركىتىگە تور ھۇجۇمى قوزغىماقچى بولغان.
خىتاينىڭ خاككېرلىق ھەرىكىتىنى ئىز قوغلاپ كۆزىتىۋاتقان ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ خاككېرلار يىل بېشىدا خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئامېرىكا بىيوتېخنىكا شىركىتى مودېنانى نىشانلاپ، قىممەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى ئوغرىلىماقچى بولغان.
ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى 34 ياشلىق لى شياۋيۈ ۋە 33 ياشلىق دوڭ جياجى ئۈستىدىن ئەرز سۇنۇپ، ئۇلارنى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كومپيۇتېرلارغا خاككېرلىق ھۇجۇمى قوزغاپ، نۇرغۇن سودا مەخپىيەتلىكى ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىغان، دەپ ئەيىبلىگەن.
ئەيىبنامىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ئىككى جاۋابكار يېقىندا ئامېرىكىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسى تەتقىقاتىغا قاتناشقان ئۈچ نىشانغا ھۇجۇم قوزغىغان، ھەمدە ماسساچۇسېتس ئىشتاتىدىكى خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بىر بىيوتېخنىكا شىركىتىنىڭ كومپيۇتېر تور سىستېمىسىدا يوچۇق بار-يوقلۇقىنى مەخپىي كۆزەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ماسساچۇسېتس ئىشتاتىغا جايلاشقان مودېنا شىركىتى بۇ يىل 1-ئايدا خىتاي ۋىرۇسى ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەڭ بۇرۇن ۋاكسىنا تەتقىقاتىنى باشلىغان شىركەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ شىركەت تەتقىق قىلىپ چىققان ۋاكسىنا 27-ئىيۇل ئاخىرقى باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مودېناغا 500 مىليون دوللارغا يېقىن مەبلەغ سېلىپ، شىركەتنىڭ مۇشۇ ئايدىن باشلاپ 30 مىڭ كىشىلىك كىلىنىكىلىق سىناق باشلىشىغا ياردەم بەرگەن.
خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پەيدا بولغان خىتاي ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 660 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئامېرىكىدا قازا قىلغانلارلا 150 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خىتاينىڭ تور ھۇجۇمنىڭ ئاساسلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ خاككېرلىق ھەرىكىتىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلمەكتە.