خىتاي تۈزۈلمىسىنىڭ خوڭكوڭدىكى تەسىرى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى
ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭ دائىرىلىرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى كېنېس روس (Kenneth Roth)نىڭ خوڭكوڭغا كىرىشىنى چەكلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، كېنېس روس «2020-يىللىق دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى»نى ئېلان قىلىش ئۈچۈن 12-يانۋار خوڭكوڭغا يېتىپ بارغان بولۇپ، خوڭكوڭ ئايرودرومىدا توسۇپ قويۇلغان ۋە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر تەشكىلات ئەسلى 15-چېسلا خوڭكوڭدا 652 بەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ پىلانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، كېنېس روس بۇ قېتىملىق دوكلاتىدا شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قۇرۇلمىسىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكى ھەققىدە توختالماقچى بولغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقئارانىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇ قېتىملىق ۋەقەنىڭ بۇنى تېخىمۇ ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 90 نەچچە دۆلەتكە كېڭەيگەن بولۇپ، ئەڭ مۇھىم خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر تەشكىلات ئالدىنقى يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى جازا لاگېرىغا قاماپ باستۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان.