چاقماق خەۋەر

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىسىردا سىياسەتلىرىنى ئاقلىدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىسىردا سىياسەتلىرىنى ئاقلىدى

9-يانۋار شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى مىسىر زىيارىتىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان سىياسەتلىرىنى ئاقلىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مىسىر زىيارىتىدە بولغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ئاقلاپ: «ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش سىياسەتلىرى يەرشارى مىقياسىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە ھەسسە قوشتى» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
8-يانۋار مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىنكار قىلىپ: «شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسىلە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى. ئۇ يەردىكى ئىشلار قانداقتۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش مەسىلىسى» دەپ بىلجىرلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىقتىساد ۋە سىياسەت قاتارلىق ھەرساھە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا ھەمكارلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. مىسىر ئاخباراتلىرى ۋاڭ يىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنى ئاقلاپ بىلجىرلىغان سۆزلىرىنى كەڭ تارقاتقان.

بۇ خەۋەر 73 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق