چاقماق خەۋەر

خىتاي ئۇيغۇر قورچاق ئەمەلدارلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ھەقىقەتنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنماقتا

خىتاي ئۇيغۇر قورچاق ئەمەلدارلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ھەقىقەتنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنماقتا
19-ئىيۇن خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ھەمدە شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بەرگەن خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئورگانلار ۋە ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ 17-ئىيۇن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى»گە رەسمىي ئىمزا قويغان كېيىن، قاتتىق بىئارام بولغان خىتاي دائىرىلىرى يالغان باياناتلار بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇندى ۋە 18-ئىيۇن شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ قورچاق ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، خەلقنى يىغىپ، ئامېرىكىغا قارشى تەتۈر تەشۋىقاتنى باشلىدى، شۇنداقلا خەلقنى ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشتا خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش ھەققىدە ۋەدە بېرىشكە مەجبۇرلىدى.
19-ئىيۇن جامائەت پىكرى شەكىللەندى، دەپ قارىغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق قورچاق ئورگانلار ۋە ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە ئاللىبۇرۇن سانسىزلىغان پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانغان خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى.
19-ئىيۇن ئاتالمىش خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۈرۈمچى ئاق مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابدۇشۈكۈر رەھمىتۇللاھ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھەيئەت ئەزاسى ۋە ئاتالمىش ھوقۇق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى نۇرگۈل ئۇبۇل، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئېلىجان ئانايەت، خوتەن ۋىلايىتى ۋە خوتەن شەھەرلىك دائىمىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەزىمەت ئەركىن، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى»نىڭ باشلىقى مۇرات قېنىيات قاتارلىق قورچاق ئەمەلدارلارنى ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» قاتارلىق ئورگانلارنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى»غا قارشى مەجبۇرىي سۆزلەتكۈزدى.
بۇلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ ئىمزالىغان "ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى" خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ. بۇ قانۇن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ئىتتىپاقلىقى ۋە باياشات تۇرمۇشىنى قالايمىقان قىلىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار باشقا ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ئوخشاش باراۋەر ياشاۋاتىمىز. كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا مەسىلىلەردە پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا سۆزلەش ھوقۇقى بار» دېگەنلەرنى بىلجىرلىدى.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ قېتىم شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈلگەن دەپسەندىچىلىك ھەمدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە چېتىلىدىغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈش ھەققىدە قانۇن چىقىرىلىشىنىڭ خەلقئارادىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى تۇنجى تارىخىي بۇرۇلۇش ۋە تېپىلماس پۇرسەت ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى قىلىۋاتقان ھەرقايسى تەشكىلات ۋە ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىتاينىڭ پاكىت ئويدۇرۇپ، يالغان تەشۋىقاتلار ئارقىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇشىغا بىردەك قارشى تۇرۇشنىڭ تولىمۇ مۇھىم بولۇپ قالغانلىقىنى، خىتاينىڭ خەلقئارادا يەنە ئالدامچىلىق، كۆز بويامچىلىقىنى بازارغا سېلىشىغا قارشى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان، جەسىتى تۈرمە ياكى لاگېرلاردىن ئېلىپ چىقىلغان، تۇغقانلىرى ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن كېسىلگەن بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن سۈرۈشتىسىنى قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
http://www.xinhuanet.com/politics/2020-06/19/c_1126137368.htm

 



بۇ خەۋەر 928 قېتىم كۆرۈلدى
20/06/2020 14:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق