چاقماق خەۋەر

خىتاي ئامېرىكا دىپلوماتلىرىغا قارىتا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي ئامېرىكا دىپلوماتلىرىغا قارىتا جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 11-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھەمدە خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ پائالىيىتىگە چەكلىمە قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە دىپلوماتلىرىغا، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ خوڭكوڭ كونسۇلخانىسىدىكى بارلىق خادىملىرىنىڭ پائالىيىتىگە چەكلىمە قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 3-سېنتەبىر ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئورگان تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىغا قويغان ھەر خىل چەكلىمىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
باياناتتا ئامېرىكىنىڭمۇ خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىغا ئوخشاش چەكلەش تەدبىرىنى يولغا قويىدىغانلىقى، جۈملىدىن خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلىرى ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلىش ياكى يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكى، 50 كىشىدىن ئارتۇق ئادەم قاتنىشىدىغان دىپلوماتىيەگە ئالاقىدار مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن چوقۇم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.
جاۋ لىجيەن ئامېرىكا تەرەپنىڭ باياناتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتى خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي نىزاملىرىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ بولۇپ، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى نورمال ئالاقىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى» دېگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىشى كېرەكلىكىنى، ئەكسىچە بولغاندا خىتاينىڭ بۇنىڭغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى

بۇ خەۋەر 158 قېتىم كۆرۈلدى
12/09/2020 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق