خىتاى ھىندىستاننىڭ ئۈچ چوڭ خاتالىقى سەۋەبلىك توقۇنۇش كېلىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە ، خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن بايان ئېلان قىلىپ ، خىتاي بىلەن ھىندىستان توقۇنۇشىدا مەسئۇلىيەتنىڭ خىتاي تەرەپتە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» ، «پۇل-مۇئامىلە گېزىتى» ۋە ھىندىستاننىڭ باشقا تاراتقۇلىرى 24-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە ، ھىندىستان ۋە خىتاينىڭ بىرلەشمە ئارمىيە قوماندانلىرى 22-ئىيۇن بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ ، ئەسكەر ۋە ئېغىر تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى توقۇنۇش رايونىدىن تارقاقلاشتۇرۇپ ، 6-ئىيۇندىكى قوماندانلار يىغىنىنىڭ خۇلاسىسىگە قايتىپ كەلگەن. بۇ ئورتاق تونۇشقا كېلىش ئۈچۈن 11 سائەت ۋاقىت كەتكەن. ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت ۋەكىللىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھەربىي رايون قوماندانى ليۇ لىن ۋە ھىندىستان 14-كورپۇسنىڭ قوماندانى شىن خې ئىكەن.
مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئارمىيەسى پانگۇڭ كۆلىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا ئاكوپ ۋە قاراۋۇلخانا قۇرغان. خىتاي بۇ يەرنى ئەسلىدىكى ھالىتىگە كەلتۈرەمدۇ-يوق بۇ ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ھىندىستان ئارمىيەسى ئىچىدە ئىككى تەرەپنىڭ يەنە چېكىنىشىگە ئۇزۇن جەريان كېتىدۇ دەپ، قارايدىغان نوپۇزلۇق شەخسلەرمۇ بار ئىكەن. چۈنكى بۇ قېتىملىق قارشىلىشىش ئىككى تەرەپتە ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلغان. تىركىشىشتە ، ھىندىستان ئارمىيەسى تەرەپتىن 20 ، خىتاي ئارمىيەسى تەرەپتىن 40 تىن ئارتۇق ئەسكەر ئۆلگەن.
24-ئىيۇن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا گاللېۋان ۋادىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلاشقانلىقىنى ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە تونۇشتۇرۇپ، ھىندىستاننىڭ ئۈچ چوڭ خاتالىقىنى مىسال ئالغان. مىسالىدا، ھىندىستان چېگرا قوغدىغۇچىلىرى چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەنلىكى، ھىندىستان ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تونۇشىغا خىلاپلىق قىلىپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلىقى، ھىندىستان خەلقئارا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ ئالدى بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جاۋ لىجيەن يەنە 22-ئىيۇندىن 23-ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا ، خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق كوماندىر دەرىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.