چاقماق خەۋەر

خوڭكوڭ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى خىتاينى پايپېتەك قىلىۋەتتى

خوڭكوڭ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنى پايپېتەك قىلىۋەتتى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خوڭكوڭغا ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنى رەسمىي ماقۇللىغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىرانستادنى جىددىي چاقىرىپ كۆرۈشكەن.
ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر قارارى خىتاي دائىرىلىرىنى ئالاقزادە قىلىۋەتكەن بولۇپ، قانۇن لايىھەسى ماقۇللىنىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى ئۈچ قېتىم چاقىرىپ بولغان.
خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې يۈچېڭ بىرانستاد بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر قارارىغا قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا بارلىق ئاقىۋەتكە ئامېرىكا تەرەپنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ھەيۋە قىلغان.
ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى باياناتچىسى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرگەن بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چوقۇم خوڭكوڭ خەلقىگە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى، خوڭكوڭ خەلقىنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە «خىتاي-ئەنگلىيە بىرلەشمە باياناتى»دا تىلغا ئېلىنغان ھەق-ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى نەچچە ئايدىن بۇيان توختىماي نامايىش قىلىۋاتقان خوڭكوڭ خەلقىگە قايتىدىن كۈچ بېغىشلىغان بولسا، خىتاي دائىرىلىرىگە ئېغىر زەربە بولغان. خىتاي كومپارتىيەسىدىن باشقا خوڭكوڭ مەمۇرىي ھۆكۈمىتىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 205 قېتىم كۆرۈلدى
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق