چاقماق خەۋەر

خوتەندە 8 بال سېرىق بۇران چىقتى

خوتەندە 8 بال سېرىق بۇران چىقتى

خوتەن ۋىلايەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى 28- ئىيۇن بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشچە، خوتەن ۋىلايەت تەۋەلىكىدە قاتتىق سېرىق بوران چىققان. خوتەن ۋىلايەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ھاۋا رايىدىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، كەلگۈسى 12 سائەت ئىچىدە يۈز بېرىش مۆلچەرلەنگەن قۇم – بوران توغرىسىدا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتقان.

ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىدا كەلگۈسى  12 سائەت ئىچىدە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا قۇم بورانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىغانلىقىنى، كۆرۈش دەرىجىسى 500 مېتىردىن تۈۋەن بولىدىغانلىقىنى، شەھەر رايونىدىكى شامال كۈچى 5 بالدىن 6 بالغىچە بولىدىغانلىقىنى، قۇملۇق شامال ئېغىزلىرىدا 8 بالدىن ئاشىدىغانلىقىنى، خەلقنىڭ قۇم – بوراندىن ئاگاھ بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ ھەقتە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، خوتەن ئاسمىنى سېرىق رەڭگە كىرگەن بولۇپ، شەھەر بازار ئاھالىلىرى جىددىيلىشىشكە باشلىغان . 

بۇ خەۋەر 425 قېتىم كۆرۈلدى
29/06/2020 16:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق