تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى خەلقئارا جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلدى

تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى خەلقئارا جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلدى

ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىشنى تۈگىتىش تورىنىڭ خەۋەرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەمدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئىتتىپاق خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىنى توختىتىشقا چاقىرغان.

مەزكۇر ئىتتىپاق ئىچىدە  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق 70 تىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى، 100 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەشكىلات ھەمدە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بار ئىكەن.

مەزكۇر ئىتتىپاق ھەمدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 23-ئىيۇل «شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاخىرلاشتۇرۇش بىرلەشمىسى» نامىدا خەلقئارالىق ئىتتىپاق ئۇيۇشتۇرۇپ ، بارلىق كىيىم-كېچەك شىركەتلىرى ۋە پارچە ساتقۇچىلارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىدىغان خام ئەشيا ۋە مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشنى توختىتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا  شېرىك بولۇشنى توختىتىشقا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىن قىلىش ھەرىكىتىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا خاتىمە بېرىشىنى توختىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارالىق ھەرىكەت باشلىدى.

بۇ خەۋەر 1198 قېتىم كۆرۈلدى
24/07/2020 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق