تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى قورشاۋ ئاخىرلاشتى

تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى قورشاۋ ئاخىرلاشتى
ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ساقچىلار 12 كۈندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قورشاۋىنى ئاخىرىلاشتۇرغان.
خەۋەردە، ساقچى ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى چوۋ ياتمىڭ نامايىشچىلار چېدىر قۇرغان ئۇنىۋېرسىتېتقا ساقچىلار كىرىپ، پارتلاتقۇچ ماددىلار ۋە خەتەرلىك بۇيۇملارنى تازىلىغانلىقىنى، ساقچىلار ئۇنىۋېرسىتېتنى تەكشۈرۈش جەريانىدا ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىغانلىقىنى ۋە نازارەتكە ئالىدىغان ئىشلارنىڭمۇ بولمىغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت بىناسىنى كونترول قىلغانلىقىنى، ئىككى كۈن داۋاملاشقان تەكشۈرۈشلەردە، نامايشىچىلار تاشلاپ چىقىپ كەتكەن 4080دانە مولۇتۇف (بېنزىن قاچىلانغان شىشە)، 921 دانە گاز قۇتۇسى، كىسلاتا ۋە باشقا خىمىيەلىك ماددىلارنى ھەمدە 588 شېشىنى قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ساقچى ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى چوۋ ياتمىڭ يەنە، ئۇنىۋېرسىتېت بىناسى ئىچىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدا 44 ئاپتوموبىلنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولىشىچە، ساقچىلار تەبىئىي پەن ئۇنىۋېرسىتېتىنى 17 – نويابىردا قورشاۋغا ئالغاندىن بىرى بۈگۈنگىچە قورشاۋنى داۋاملاشتۇرغان. قورشاۋ جەريانىدا 1100 نامايىشچى ئۇنىۋېرسىتېت بىناسىدىن سىرتقا چىقىرىلىپ، ئۇلاردىن 800 كىشى قولغا ئېلىنغان. قالغان 300 نامايىشچى 18 ياشتىن كىچىك ئىكەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن قويۇپ بەرگەن.
تەخمىنەن 100 گە يېقىن نامايىشچى نامايىشلىرىنى قەتئى داۋاملاشتۇرغان

بۇ خەۋەر 977 قېتىم كۆرۈلدى
30/11/2019 14:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق