چاقماق خەەر

تۈركىيەدە ھېيت كۈنلىرى سىرتقا چىقىش چەكلىنىدۇ

تۈركىيەدە ھېيت كۈنلىرى سىرتقا چىقىش چەكلىنىدۇ
تۈركىيە پىرېزىدېنتى رەجەپ تاييىب ئەردوغان 18-ماي ئىچكى كابىنېت يىغىندا چىقىرىلغان قارارلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
پىرېزىدېنت ئەردوغان باياناتىدا ھارپا كۈنىدىن باشلاپ ھېيتنىڭ ئاخىرغىچە، يەنى 23-، 24-، 25-، 26-ماي كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىنىڭ ھەممىسىدە سىرتقا چىقىش چەكلىمىسى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى، روزا ھېيتتىن كېيىن ھەممە ئىشلارنىڭ نورمال ھالەتكە كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى (24-ماي) سائەت 14:00 بىلەن 20:00 ئارىسىدا 65 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
پىرېزىدېنت ئەردوغان باياناتىدا يەنە 29-مايدىن باشلاپ دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە ۋالىيلارنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە مەسچىتلەرنىڭ جۈمە نامىزى ۋە دۇئا-تىلاۋەت ئۈچۈن ئېچىلىدىغانلىقىنى، مەسچىتلەر بىر مەزگىل پېشىن نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىغا ئېچىلىپ، باشقا نامازلارنىڭ يەنە ئۆيدە ئوقۇلىدىغانلىقىنى، جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇغاندا مەلۇم شەرتلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەكلىكىنى، مەكتەپلەر ئالتىنچى ئايدىن باشلاپ ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

بۇ خەۋەر 854 قېتىم كۆرۈلدى
19/05/2020 15:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق