تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يەنە 63 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يەنە 63 كىشى قازا قىلدى
14-سېنتەبىر كەچ تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 1716 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تىۋىتتېر ھېساباتىدا ئۇچۇر يوللاپ، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 112,563 كىشىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 1716 كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېنىقلانغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 292,878 گە يەتكەنلىكىنى، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 63 كىشى قازا قىلىپ، جەمئىي قازا قىلغانلارنىڭ 7119 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەھىيە مىنىستىرى يەنە خەلقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە ئارىلىق ساقلاش، قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەسلىك، تازىلىققا دىققەت قىلىش، ماسكا تاقاش قاتارلىق تەدبىرلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ خەۋەر 464 قېتىم كۆرۈلدى
15/09/2020 15:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق