چاقماق خەۋەر

تۈركىيەدە «مۇسۇلمان دۆلەتلەردە شەرقىي تۈركىستان خەلق دېپلوماتىيە ھەرىكىتى» شۇرا يىغىنى ئېچىلدى

تۈركىيەدە «مۇسۇلمان دۆلەتلەردە شەرقىي تۈركىستان خەلق دېپلوماتىيە ھەرىكىتى» شۇرا يىغىنى ئېچىلدى

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى 11-يانۋار تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدا تۇنجى نۆۋەتلىك مەسلىھەت ۋە كېڭەش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، «مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان دېپلوماتىيە ھەرىكىتى»نى جانلاندۇرۇشنى قارار قىلدى

مەسلىھەت يىغىنىغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسلىرى، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن تەشكىلات ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى. ھەرىكەتنىڭ تۈپ نىشانى ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرىدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش بولۇپ، يىغىنىدا «قانداق قىلغاندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى خەلقئاراغا، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىغا تونۇشتۇرغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئەرەب ئەللىرى ۋە ئىسلام دۇنياسى بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇپ، خىتايغا بېسىم ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟» دېگەن تېما مۇھاكىمە قىلىندى.

بۇ خەۋەر 509 قېتىم كۆرۈلدى
13/01/2020 15:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق