چاقماق خەۋەر

تۈركىيەدىكى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى (28-ئىيۇن)

تۈركىيەدىكى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى (28-ئىيۇن)
تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا 28-ئىيۇن بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن 15 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
فاھرەتتىن كوجا كەچ سائەت يەتتىدە تۈركىيەدىكى خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئېلان قىلىپ، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 48.309 كىشىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، بىر كۈن ئىچىدە يېڭىدىن 13.56 يۇقۇملانغۇچىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 239 مىڭ 197 گە يەتكەنلىكىنى، بىر كۈن ئىچىدە 15كىشى قازا قىلىپ، جەمئىي قازا قىلغانلار 5.097 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
سەھىيە مىنىستىرى يەنە بۈگۈن داۋالىنىۋاتقان بىمارلار ئىچىدە 1.413 نەپىرىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، 996 بىمارنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى كۈنىگە قارىغاندا ئازلىغانلىقىنى،  خەلقنىڭ ھازىرقى ھالەتكە قانائەتلىنىپ تۇرماستىن ئىجتىمائىي سورۇنلاردا ئارىلىق ساقلاش، ماسكا تاقاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى بىرلىكتە چىڭ تۇتۇپ خىتاي ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇملىنىشنى تېخىمۇ ئازايتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 74 قېتىم كۆرۈلدى
29/06/2020 16:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق