تۈركىيەدىكى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى (23-ئىيۇن)

تۈركىيەدىكى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى (23-ئىيۇن)
تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا 23-ئىيۇن بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن 27 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
فاھرەتتىن كوجا كەچ سائەت يەتتىدە تۈركىيەدىكى خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئېلان قىلىپ، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 42.982 كىشىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، بىر كۈن ئىچىدە يېڭىدىن 1.268 يۇقۇملانغۇچىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 190 مىڭ 165 گە يەتكەنلىكىنى، بىر كۈن ئىچىدە 27 كىشى قازا قىلىپ، جەمئىي قازا قىلغانلار 5.001 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
سەھىيە مىنىستىرى يەنە بۈگۈن داۋالىنىۋاتقان بىمارلار ئىچىدە 1315 نەپىرىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، 893 بىمارنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار  كۆپىيىشكە باشلىغان ۋىلايەتلەر ئىچىدە، ئادانادا 14، ئەنقەردە 21، كوجائېلىدە 16 بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىكەنلىكىنى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن بىمارلار سانى يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ سانىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى،  خەلقنىڭ ئىجتىمائىي سورۇنلاردا ئارىلىق ساقلاش، ماسكا تاقاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى بىرلىكتە چىڭ تۇتۇپ خىتاي ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى ئازايتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 607 قېتىم كۆرۈلدى
24/06/2020 15:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق