تۈركىيەدىكى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى (21-ماي)


تۈركىيەدىكى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى (21-ماي)
تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا 21-ماي بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن 27 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
فاھرەتتىن كوجا كەچ سائەت يەتتىدە تۈركىيەدىكى خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئېلان قىلىپ، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 33.633 كىشىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، بىر كۈن ئىچىدە يېڭىدىن 961 يۇقۇملانغۇچىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 153 مىڭ 548 گە يەتكەنلىكىنى، بىر كۈن ئىچىدە 27 كىشى قازا قىلىپ، جەمئىي قازا قىلغانلارنىڭ 4.249 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
سەھىيە مىنىستىرى يەنە بۈگۈن داۋالىنىۋاتقان بىمارلار ئىچىدە 1.003 نەپىرىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، 820 بىمارنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئەمما كېسىلى ئېغىر بىمارلارنىڭ ئۆزلۈكسىز چۈشىۋاتقانلىقىنى، يېڭى ھايات ھالىتىمىز كونترول قىلىنغان ئىجتىمائىي ھايات بولىدىغانلىقىنى، ھەممە كىشى بىردەك تەدبىر ئېلىش، ماسكا تاقاش، ئۇچراشقاندا 1.5 مېترە ئارىلىق ساقلاش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى قىلىش، ئادەم كۆپ ئورۇنلارغا بېرىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى

بۇ خەۋەر 500 قېتىم كۆرۈلدى
21/05/2020 22:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق