تۈركىيەدىكى خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى (18-ماي)
تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا 18-ماي بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن 31 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
فاھرەتتىن كوجا كەچ سائەت يەتتىدە تۈركىيەدىكى خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى ئېلان قىلىپ، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 25.141 كىشىنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، بىر كۈن ئىچىدە يېڭىدىن 1.158 يۇقۇملانغۇچىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 150 مىڭ 593 گە يەتكەنلىكىنى، بىر كۈن ئىچىدە 31 كىشى قازا قىلىپ، جەمئىي قازا قىلغانلارنىڭ 4.171 گە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
سەھىيە مىنىستىرى يەنە بۈگۈن داۋالىنىۋاتقان بىمارلار ئىچىدە 1.618 نەپىرىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى، 903 بىمارنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئەمما كېسىلى ئېغىر بىمارلارنىڭ ئازىيىشقا باشلىغانلىقىنى، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئۈچۈن يولغا قويغان ئۆيدىن چىقماسلىق تەدبىرىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى، ماسكا تاقاش، ئۆزئارا ئارىلىق ساقلاش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى قىلىش، ئادەم كۆپ ئورۇنلارغا بېرىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.