تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلدى

تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قويۇپ بېرىلدى
ئۆز خەۋىرىمىز: مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار قويۇپ بېرىلدى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رامىزان ئېيىنىڭ ئالدىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە ئالاقىدار رەھبەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك سەئۇدى ئەرەبىستاندا قاپسىلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كېلىۋېلىشىغا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان، نەتىجىدە 35 كە يېقىن ئۇيغۇر تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس ئايروپىلاندا تۈركىيەگە سالامەت قايتىپ كەلگەن ئىدى.
بۇلاردىن سىرت تەشكىلاتلار بىرلىكى يەنە رامىزاننىڭ ئالدىدا تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە كۆچمەنلەر ئىدارىسىدا ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.
تەشكىلاتلار بىرلىكى يەنە روزى ھېيت يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئارقىلىق، ئىككىنچى تۈركۈمدە يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈردى.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان باستۇرۇشلىرى سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستاندا تۇرۇش ئىمكانىيىتى بولماي ھىجرەت قىلغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇھاجىرەت زېمىنىدا ھېيت كۈنلىرىمۇ ئائىلىسى بىلەن جەم بولالماسلىقى ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلغانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، تەلەپلىرىنى سۇنۇشى نەتىجىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، يەنە تۇتۇلۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارخىپلىرى قىسقا ۋاقىتتا رەتلىنىپ، قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن جىددىي خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پات يېقىندا ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىدا زور ئۈمىد بارلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 2230 قېتىم كۆرۈلدى
15/05/2020 23:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق