تىك-توك خەلقئارانىڭ بېسىمىغا باش ئەگدى

تىك-توك خەلقئارانىڭ بېسىمىغا باش ئەگدى

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، دوۋيىننىڭ باياناتچىسى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە قىسقا سىن تارقاتقان فىروزە ئەزىزنىڭ توڭلىتىلغان ھېساباتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە ئەپۇ سورىغان.
ئامېرىكىلىق 17 ياشلىق مۇسۇلمان قىز فىروزە ئەزىز يېقىندا دوۋيىننىڭ چەتئەل نۇسخىسى بولغان تىك توك (Tik Tok) ئەپ دېتالىدا قىسقا سىن تارقىتىپ، ئۆزگىچە ئۇسۇل ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئېتىبار بېرىشكە چاقىرغان.
مەزكۇر سىن تىك توك سۇپىسىدا ئىككى مىليون قېتىمغا يېقىن، تىۋىتتېردا بولسا يەتتە مىليون قېتىمغا يېقىن كۆرۈلۈپ، تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان.
ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ تىك توك ھېساباتى بىر ئايلىق توڭلىتىلغان، مەزكۇر سىنمۇ يۇيۇۋېتىلگەن. دوۋيىن تەرەپنىڭ بۇ قىلمىشى خەلقئارالىق نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا كۆپلەپ خەۋەر قىلىنىپ، قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.
دوۋيىن شىركەت مەسئۇللىرى باشتا بۇنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ۋەزىيەتنىڭ يامانلاشقانلىقىنى ھېس قىلىپ، بۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان. باياناتتا فىروزەنىڭ ھېساباتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ سىياسىي سەۋەبتىن ئەمەس، بەلكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ بىخەستىلىكى سەۋەبلىك بولغانلىقىنى، بۇ ھەقتە كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گەرچە دوۋيىن تەرەپ ئەپۇ سورىغان بولسىمۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ شىركەتنىڭ چەتئەلدىمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقانلىقىغا بولغان گۇمانى كۈچەيگەن.

بۇ خەۋەر 969 قېتىم كۆرۈلدى
28/11/2019 14:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق