تىرامپ: تالىبان كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدۇ
29-نويابىر ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئافغانىستاننى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ: «تالىبان كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدۇ، تۈزۈش-تۈزمەسلىكىنى كۆرىمىز» دېگەن.
خەۋەردە ئافغانىستاننى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپنىڭ ئافغانىستاندىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسى بەغرامغا قونغانلىقى، ئامېرىكىدا تەبرىكلىنىۋاتقان مىننەتدارلىق بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئافغانىستاندىكى ئەسكەرلەرنى كۈركە توخۇ بىلەن مېھمان قىلغانلىقى، زىيارەت جەريانىدا ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
زىياپەتتە سۆز قىلغان تىرامپ ئۆز ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن بۇيان ئامېرىكا ئارمىيەسىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن تىرىليونلاپ دوللار سەرپ قىلىنغانلىقى ئېيتقان ۋە تالىبان بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۈستىدە توختىلىپ: «تالىبان كېلىشىم تۈزۈشنى خالايدۇ، تۈزۈش-تۈزمەسلىكىنى كۆرىمىز. بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا كېلىشىم تۈزسۇن-تۈزمىسۇن، مەسىلە يوق» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە بىر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن تالىبان بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى، تالىبان بىلەن كېلىشىم تۈزۈلگىچە ياكى ئېنىق غەلىبە قىلغىچە ئافغانىستاندا ئەسكەر تۇرغۇزىدىغانلىقىنى، تالىبانلار بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرغانلىقىنى، يەنە بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى، ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى 8600 گە چۈشۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.