تىرامپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بىر ئاي مۆھلەت بەردى

تىرامپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا بىر ئاي مۆھلەت بەردى
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تىرامپ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى تېدروسقا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، 30 كۈن ئىچىدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى تولۇق ئىسلاھ قىلىشقا ۋەدە بېرىشىنى، بولمىسا ئامېرىكىنىڭ تەشكىلاتتىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ۋە ئىقتىسادىي ياردىمىنى مەڭگۈلۈك توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پىرېزىدېنت تىرامپ دۈشەنبە كەچتە تىۋىتتېر ئارقىلىق تېدروسقا يازغان مەكتۇپىنى ئېلان قىلىپ، مەكتۇپتا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى يېتەرسىزلىكىنى تەپسىلىي بايان قىلغانلىقىنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەيۋەن مەلۇم قىلغان خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئادەمدىن ئادەمگە يۇقىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىغا سەل قارىغانلىقى، سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇنداق مۇھىم ئۇچۇرنى دۇنيا بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالىمىغانلىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە مەلۇم سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولغانلىقى قاتارلىقلار جەھەتلەردىن تەنقىد قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 639 قېتىم كۆرۈلدى
19/05/2020 15:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق